ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كامبودژا ھۆكۈمىتى شىنجاڭ كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

كامبودژا ھۆكۈمىتى ئاخبارات باياناتچىسى ئاپپاراتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېتا 9-فېۋرال جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا مۇقىملىقنى ساقلاپ، ھەر قايسى جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى دېدى.

ئېتا مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكى، نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. مەن شىنجاڭ ھەققىدىكى يېزىق ۋە سۈرەت ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.

ئېتا مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولۇپ، يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىنتىلىدىغان گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有