ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پىلان تۈزۈپ كەلگۈسىگە يېتەكلەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:38

جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى 9-فېۋرال ۋىدېيو شەكلىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە «قەلبنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت سۆزى قىلدى.

بۇ 2012-يىلى جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى.

توققۇز يىلدىن بۇيان جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىشىپ، ۋاقىت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئەسىر يۇقۇمى بىلەن 100 يىللىق ئۆزگىرىش گىرەلىشىپ كەتكەن يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؟

مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا ھەر قايسى دۆلەتلەر مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقتا بېسىپ ئۆتكەن ئالاھىدە مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە خۇلاسىلىدى، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، ئەمەلىي تەكشى بولۇش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ھەمكارلىق پىرىنسىپى جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى، بىز بۇ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

ئىش بولسا كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش؛ ھەمكارلاشقۇچى تەرەپلەرنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش؛ ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئاساسىدا تەڭ تەرەققىي قىلىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىش... رەئىس شى جىنپىڭ باش مەقسەت سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توققۇز يىلدىن بۇيان جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم ھەرقايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلىدىغان ھەمكارلىق پىرىنسىپى شەكىللەندۈرۈلدى.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ياۋروپا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ زوكۈي،-بۇ پىرىنسىپلار ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا كۆپ تەرەپچىلىكتە ئىزچىل چىڭ تۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش دېگەنلىك، دېدى.

ليۇ زوكۈي مۇنداق دېدى: جۇڭگو تاشقى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغاندا ھەمكارلىق ئوبيېكتىنىڭ چوڭ-كىچىك، باي-نامرات، كۈچلۈك-ئاجىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەڭ كېڭىشىش،تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش سۇپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەر بىر قاتناشقۇچىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. بۇ جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن يېڭى تەپەككۇرى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى خو يۈجېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىشنى كۈچەيتىشى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئومۇمىي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مۇنداق بىر مۇھىم سىگنالنى يەتكۈزدى: مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى يەنىلا مۇستەھكەم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا تولۇق تاقابىل تۇرالايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ھەمكارلىق يېڭى تەپەككۇرى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا تېپىلغۇسىز مۇقىملىق ئامىلى قوشتى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا تەڭ قاتنىشىش، تەڭ تەرەققىي قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەر تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ جۇڭگونىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنىڭ تىپىك مىسالى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پىلان تۈزۈپ كەلگۈسىگە يېتەكلەيلى

جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى 9-فېۋرال ۋىدېيو شەكلىدە ئېچىلدى،