ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئېچىپ تاشلايلى

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:38

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ

__ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى زاتلار ئەمەلىي پاكىت ئارقىلىق، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئېچىپ تاشلاشنى پائال تەشەببۇس قىلدى

ھازىر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، كىشىلەر خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. جۇڭگو تاراتقۇسى يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدىكى يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى پاش قىلىدىغان پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋاللار» دېگەن مەخسۇس تېمىلىق ماقالىسى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقايسى ساھەدىكى زاتلار بەستە-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «ئاق-قارىنى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى»، ئەمەلىي پاكىت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىش كېرەك.

  «2020-يىلى، جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادى %3.4 مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا سىجىل ئاكتىپ ۋەزىيەت نامايان قىلىندى». پاكىستان دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زامىر ئاۋان مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونىغا زور ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچى سېلىپ، پائال سىياسەت مەدىتى بەردى، شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايان پاكىت.
  «مەن مەكتەپ، زاۋۇت، پويىز ئىستانسىسى، ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى بەلگىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم، يەرلىكتىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدىمۇ كۆپ خىل ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى قاناللار تەسىس قىلىنىپتۇ» تۈركىيە ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پەلېنچېك ئىلگىرى 2019-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيارەتتە بولغاندا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى دەل جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە زورىيىشىنى توسۇشكەن، دەپ قارىدى.

  رۇسىيە رۇسىيە-جۇڭگو تەھلىل مەركىزىنىڭ مۇدىرى سېرگېي ساناكوئېۋ ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھ بولدى. «شىنجاڭدا ئۈرۈمچىگە ئوخشاش بۇنداق چوڭ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپلا قالماي، بەزى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تېز ئىكەن. مەسىلەن مەن ئىلگىرى بارغان شىخەنزە شەھىرى دەل زامانىۋى گۈزەل شەھەركەن، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن.»
  تەيجۇڭ مەدەنىيەت-ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى سەي بەيشەن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ مىسلىسىز تەرەققىيات مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىستىقبالى پارلاق.
  مىسىر دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «ئەلئېھرام گېزىتى»نىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى جابرا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى قىسمەن جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىنى كۆپتۈرۈپ، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلىدى، بۇ تامامەن «قاراقچىلىق لوگىكىسى» بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان.
  مىسىر «ئەلئېھرام ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى» ئىلگىرى بۇ ژۇرنالنىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى سامىئا يازغان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئالاقىدار ماقالىنى پۈتۈن بىر بەت ئېلان قىلغان. شىنجاڭدا چوڭقۇر زىيارەت قىلىش ئاساسىدا، سامىئا مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىسى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا كەلسە-كەلمەس بىلجىرلىشى تامامەن ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق.
  بېلگىيەدىكى سەيبەيسى جۇڭگو-ياۋروپا سودا مەسلىھەتچىلىكى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى فرېدېرىك باردان مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. جۇڭگونىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ تېررورلۇققا زەربە بېرىشى، تېررورلۇقنى پەيدا قىلىدىغان مەنبەنى تۈگىتىشى خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى بولۇپ، باشقا دۆلەتلەر بۇ مەسىلىدە قوش ئۆلچەم قوللانماسلىقى كېرەك.
  رۇسىيەنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى نىكىتا ژۇكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارادا بەزى كىشىلەر كۈندە شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىپ، خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. بىز كىشىلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان بۇنداق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىنى داۋاملىق كۆپتۈرۈشىگە قارشى تۇرىمىز.
  ئىراننىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى مەھدى ئەلى ئابادى مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپتۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى ناھايىتى ياخشى قوغدىلىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىپتۇ. بەزى كىشىلەر سىياسىي نىشان تۈرتكىسىدە يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىشنى توختىتىشى كېرەك.
  ئامېرىكا دېنۋېر داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ سۇيشېڭ مۇنداق قارىدى: قىلچە ئاساسى يوق سەۋەبسىز ئەيىبلەشكە بولغان ئەڭ ياخشى جاۋاب ھەقىقىي پاكىتنى ئېلان قىلىشتۇر. «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدىكى يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى پاش قىلىدىغان پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋاللار» پاكىتنى كۈچلۈك چۈشەندۈرۈپ، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئېچىپ تاشلىدى.
  ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر توقۇغان يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىنتايىن غەزەپلەندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىلمىي جەمئىيىتى ئەزالار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نادىرە تۇرسۇنمەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىشىدا، سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئەڭ تېگىشلىكى شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق. تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرگەنلىك، ھەرقانداق كىشى شىنجاڭنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدەك بۇ ئاساسىي پاكىتنى يۇيۇۋېتەلمەيدۇ.
  ئادەتتە سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان، باش باھاردىن كېيىن ئەمدىلا شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسى ئالاغىر يېزىسىغا قايتقان دېھقان غېنى ئوبۇل مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھازىر مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ماڭا ئوخشاش كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئەڭ ياخشى پاكىت، بۇ پاكىتنى ھېچكىم يۇيۇۋېتەلمەيدۇ!
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مىللەت، دىن نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو يىخەي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر پاكىتنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭغا قارا چاپلىدى، ئۇلارنىڭ نومۇسسىز قىلمىشىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قوشۇلمايدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قەتئىي قوشۇلمايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئېچىپ تاشلايلى

ھازىر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، كىشىلەر خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدۇ