ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دەۋر ئۈلگىسى» ماۋ شياڭلىن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 16:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسى شياجۇاڭ كەنتى-كارستلىق يەر تۈزۈلۈشىدىن شەكىللەنگەن غايەت زور «چوڭ ئازگال»غا جايلاشقان بولۇپ، تىك يار بىلەن قورشالغان، قاتنىشى قولايسىز ئىدى. 1997-يىلىدىن باشلاپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قوشۇمچە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ماۋ شياڭلىن يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ تىك ياردا ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان كەنتتىن چىقىدىغان تاشيولنى ياسىدى. تاشيول پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ مېۋىلىك دەرەخ يېتىشتۈرۈپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن «دەۋر ئۈلگىسى» دەپ نام بېرىلدى. ئەمدى «100 يىللىق كۈرەش يولىدا يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش-نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ جاۋاب قەغىزى» ناملىق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «تىك ياردىن بېيىشقا يېتەكلەيدىغان ساما يولى ئېچىلدى» دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

ماۋ شياڭلىن تاقىغان «دەۋر ئۈلگىسى» دېگەن لېنتا بۇ يىللىق مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىدە تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق نامايان بولدى. ماۋ شياڭلىننىڭ ئوغلى ماۋ ليەنجۈن ئۆيدىكىلىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بالدۇرلا تېلېۋىزور ئالدىدا ساقلاپ ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

شياجۇاڭ كەنتى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى ۋۇشەن ناھىيەسىدىكى ئەڭ نامرات جاي ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىققاندا پەقەت پىيادە مېڭىپ تىك ياردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. 1997- يىلى ماۋ شياڭلىن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇسۇل بىلەن تىك قىيادا تاش قېزىپ يول ياسىدى. ماۋ شياڭلىن يول ياساش ئۈچۈن ئانىسىنىڭ 700 يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى ۋە سىڭلىسى ئۆز جاھازلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامانەت قويغان 3000 يۈەننى خەجلەپ بولدى، يەنە ئۆزىنىڭ نامىدا يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىدىن ئون مىڭ يۈەن قەرز ئالدى؛ ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا، ناھىيە بازىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىم دېھقانلارمۇ ئۆزلۈكىدىن كەنتكە قايتىپ يول ياساش قوشۇنىغا قېتىلدى، ياشانغانلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ تاماق ئېتىشنى ئىلتىماس قىلدى. 2004-يىلى، سەككىز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تىك قىيادا «ساما يول»ى ئاخىر پۈتۈپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ئارزۇ قىلغان تاغدىن چىقىدىغان تاشيول رېئاللىققا ئايلاندى.

يول پۈتكەندىن كېيىن، ماۋ شياڭلىن يەنە شياجۇاڭ كەنتىنىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى قانداق ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەندى. 2005-يىلى، ماۋ شياڭلىن باشلامچىلىق بىلەن مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش، يېزا-كەنت ساياھىتى قاتارلىق ئۆزگىچە ئىقتىسادنى يېتىشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

2020-يىلى، شياجۇاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 13 مىڭ 785 يۈەنگە يەتتى، بۇ-1997-يىلى يول ياساشتىن ئىلگىرىكى كىشى بېشى يىللىق 300 يۈەنلىك كىرىمنىڭ 45 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ماۋ شياڭلىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، گۈزەل كۈنلەر ئىشلەش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ» دېگەن ھېكمەتلەرنى شەرھلەپ بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«دەۋر ئۈلگىسى» ماۋ شياڭلىن

چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسى جۇشيەن يېزىسى شياجۇاڭ كەنتى-كارستلىق يەر تۈزۈلۈشىدىن شەكىللەنگەن غايەت زور