ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ھېكمەتلەر»نىڭ 2-قىسىمى كۆرسىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-18 16:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئالاھىدە پىروگرامما «يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ھېكمەتلەر»نىڭ 2-بۆلۈمى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ باش ئىستانسىسىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا ھەر كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە كۆرسىتىلىدۇ. مەركەز ۋىدىيوسى، مەركەز تېلېۋىزىيەسى ئاخبارات تېرمىنالى، مەركەز تېلېۋىزىيەسى تورى قاتارلىقلاردا تەڭ قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ.

پىروگراممىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى كىلاسسىك ئەسەرلەر ۋە كىلاسسىك داڭلىق ھېكمەتلەر ئەكس ئەتتۈرگەن چوڭقۇر مەزمۇن ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى جانلىق چۈشەندۈرۈلگەن. پىروگرامما جەمئىي 12 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، مەزمۇنى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، جۇڭگو ئارزۇسى قاتارلىق تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قەدىم بىلەن ھازىر تۇتاشتۇرۇلغان، مەنزىرە-قىياپەتلەر يۇغۇرۇلغان، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بولغان ئۇلۇغ ئىدىيەۋى ئىلھام ۋە سەمىمىي ھېسسىياتنى يەتكۈزۈشنىڭ سۇپىسى بەرپا قىلىنغان.





中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېقىشلىق سۆزلەر-شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ھېكمەتلەر»نىڭ 2-قىسىمى كۆرسىتىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن