ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

【يېڭى تۇرمۇش، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى】ئىچكى موڭغۇلنىڭ قاراچىن خوشۇنى كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 09:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 7-ئايدا ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرى قاراچىن خوشۇنى خېنەن كوچىسى مائەنشەن كەنتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەسىپ-تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، كەسىپ گۈللەنگەندىلا، ئاندىن يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشىدۇ. شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگىچە بايلىقنى قېزىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىدى ۋە ئۆستۈردى.

مائەنشەن كەنتىدىكى جاڭ گولى ئائىلىسىنىڭ ئۈچ چوڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسى ئېچىپ قويۇلغان ئىدى، ئاپئاق تاملارغا باش شۇجىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىكى سۈرەتلىرى ئېسىلغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 15-ئىيۇل مائەنشەن كەنتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە ئىلگىرى جاڭ گولىنىڭ ئۆيىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرغان. مائەنشەن كەنتى ئىلگىرى قاراچىن خوشۇنىدىكى نامى بار «قالاق كەنت» ئىدى، ئاساسىي شارائىتى ناچار بولۇپ، 300 گە يېقىن دېھقان يىل بويى تاغ باغرىدا ياشاپ، ئۈنۈمسىز بىنەم يەرگە تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتى.

نامرات ئائىلە جاڭ گولى باشلامچىلىق بىلەن تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەسلىدىكى قارا ئاشلىق تېرىيدىغان دۆڭلۈكنى تاغ ئۈزۈمى تېرىشقا ئۆزگەرتتى.

بۇ جاي كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، تاغ ئۈزۈمچىلىك كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، كېيىن يەنە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى قۇرۇپ، تاغ ئۈزۈمىنى سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، يەنە ئۈزۈم ھارىقى شىركىتىگە 450 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغى سالدى، 49 نامرات ئائىلىدىن جەمئىي 116 كىشى شىركەت پايچىكى بولدى. كەنتتىكى ھاراق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغاچقا، ئۈزۈم بارىڭىدىكى «سۆسۈن مەرۋايىت»لار پۇلغا ئايلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقىغا كىردى.

مۇشۇ ئاساستا، كەنت كومىتېتى يەنە «سەھرا ساياھىتى+تاغ ئۈزۈمى+نامراتلارنى يۆلەش» ئەندىزىسىنى پىلانلاپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى.

مائەنشەن تاغلىق كەنتى چىفېڭ شەھەر رايونىغا بىر قەدەر يېقىن بولۇپ، «قورۇلنىڭ سىرتىدىكى كىچىك خۇڭشەن» دېگەن گۈزەل نامى بار مائەنشەن دۆلەت ئورمان باغچىسى دەل كەنت بويىدا. مائەنشەن كەنتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى ليۇ يېياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ كېلىشى بىلەن، مائەنشەن كەنتى يىراق-يېقىنغا تونۇلدى، شۇنداقلا شۇ جاينىڭ يېزا ساياھەتچىلىكى تېخىمۇ جانلاندى. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كەنتتىكى 59 ئائىلىدىكى 130 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. كەنتىمىزدە ئەسلىدىكى 12 سەھرا ئارامگاھى كۆپىيىپ، ھازىرقى 16 سەھرا ئارامگاھىغا تەرەققىي قىلىپ، ھەر بىر سەھرا ئارامگاھىنىڭ ساپ كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە كەنتىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ساياھەتچىلىكىنى زورايتىپ، كەنتتىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

مائەنشەن كەنتى قاراچىن خوشۇنىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. 2019-يىلى قاراچىن خوشۇنى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقىپ، 25 يىللىق نامرات ناھىيە دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغى بارغاندا، خوشۇن بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 11 مىڭ 387 نامرات ئائىلىدىكى 26 مىڭ 115 كىشىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 88 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندۈرۈلدى. قاراچىن خوشۇنلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو زىياۋ مۇنداق دېدى: نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش- شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ يېڭى تۇرمۇشى، يېڭى كۈرىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كېيىنكى قەدەمدە قاراچىن خوشۇنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتىن يېزا-كەنت كەسىپى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاشتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە نۇقتىلىق ئۆتىدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

【يېڭى تۇرمۇش، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى】ئىچكى موڭغۇلنىڭ قاراچىن خوشۇنى كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 7-ئايدا ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرى قاراچىن خوشۇنى خېنەن كوچىسى مائەنشەن كەنتىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى