ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركەزنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش قارارى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-25 16:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.

قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجادىيلىققا، ئۆزگىچىلىككە ئىگە بىر يۈرۈش زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سالمىقى ئەڭ كۈچلۈك، نەپكە ئېرىشكەن نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، تەستىقلارنى سېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تۈپ مىزان ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيناپ كەلگەن كۆك نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي ھەل قىلىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى مۆجىزە يارىتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇھىم تۆھپە قوشۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

قاينام-تاشقىنلىققا تولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، ئىپادىسى گەۋدىلىك، تۆھپىسى زور، روھى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن تىپلار بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش روھىي قىياپىتىنى جانلىق شەرھلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتەك بۇرچى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، بۇ-كىشىنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

ئىلغارلارنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش، مىللىي روھ، دەۋر روھى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى تولۇق قوزغاش، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ماۋ شياڭلىن قاتارلىق ئون يولداش، خېبېي ئۆلكىسى سەيخەنبا ماشىنىسازلىق ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئون كوللېكتىپقا «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىشنى قارار قىلدى.

نۆۋەتتە، ئېلىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولماقتا، ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركەزنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش قارارى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈلگىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.