24-فېۋرال مەملىكەت بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن يەتتىسى بايقالدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى 25-فېۋرال مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: 24-فېۋرال سائەت 0 دىن 24كىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بويىچە يەتتە بىمار بايقالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمارلار؛ قازا قىلغان بىمارلار يوق؛ گۇمانىي بىماردىن بىرى بايقالدى، بۇ بىمار چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار بولۇپ شاڭخەيدە.