ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لىنجېڭ يۆئې: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە 1-ۋە 2-ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى قەتئىي قوللايمەن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-31 16:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش كوللېكتىپى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزگەن نېگىزلىك قانۇننىڭ 1-قوشۇمچە ھۆججىتى «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى» ۋە 2-قوشۇمچە ھۆججىتى «شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋاز بېرىش تەرتىپى»نى ماقۇللاپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دىن ئىبارەت تۈزۈم سىستېمىسىغا، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر يۈرۈش سىياسىي تۈزۈلمە ئورنىتىشىنى قەتئىي قوللايمىز.

لىنجېڭ يۆئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 1- ۋە 2-قوشۇمچە ھۆججەت بويىچە شياڭگاڭنىڭ ئالاقىدار سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز ھەم ئاممىغا چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسىگە سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى، جىددىيلىكىنى تونۇتۇمىز، بۇنىڭغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قوللايمىز. قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ئالاقىدار سايلام نىزامىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالاقىدار سايلام پائالىيەتلىرىنى تەرتىپ بويىچە ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ ۋە باشقۇرۇپ، يېڭى سايلام تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

لىنجېڭ يۆئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن باشقۇرۇش، كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ مەسئۇلىيىتىمنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدايمەن ۋە شياڭگاڭ ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ پان سىياسىيلىشىش ۋە ئىچكى سەرپىيات ئۈزلۈكسىز بولۇشتەك قىيىنچىلىقنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئالاھىدە رايوننى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئالاھىدە رايون چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ھەم مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئىقتىسادنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لىنجېڭ يۆئې: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە 1-ۋە 2-ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكىنى قەتئىي قوللايمەن

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش