ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1-، 2-قوشۇمچىسى ھۆججىتى «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»نى قانۇنلاشتۇردى، تۈزۈملەشتۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-31 16:09

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ھەمدە گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1-، 2-، قوشۇمچە ھۆججىتىنى ماقۇللىشى دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ ھەمدە ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملاشتۇرىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ «سايلام كومىتېتىنىڭ كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى، سايلام كومىتېتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكىلەرنىڭ تەكشى قاتنىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دېڭ جۇڭخۇا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈش سايلام كومىتېتىدا دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ۋەكىللىكلىكىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ سايلام كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلغاندا مەسىلىلەرنى دۆلەت ۋە شياڭگاڭ نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ، دۆلەت ۋە شياڭگاڭنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاللاش چىقىرىشقا پايدىلىق.

بۇ قېتىم شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىندى. جاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»قا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بۇ سايلام تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك «بىخەتەرلىك كىلاپانى». باش مەمۇرلۇقنى مەركەز ئىشىنىدىغان قەتئىي ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئۈستىگە ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان كۈچلەرنىڭ سايلام كومىتېتى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇقىم ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ جۇڭگوغا قارىشى تۇرىدىغان، شياڭگاڭنى قالايمىقان قىلىدىغان كۈچلەرنى ھەرقانداق ئەھۋالدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنىغا كىرگۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دېڭ جۇڭخۇا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ پىرىنسىپنى قانۇنلاشتۇرىدۇ، تۈزۈملەشتۈرىدۇ، بۇ شياڭگاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 







中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1-، 2-قوشۇمچىسى ھۆججىتى «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»نى قانۇنلاشتۇردى، تۈزۈملەشتۈردى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ھەمدە گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى