ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چەتئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-31 17:06

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-سانلىق يىغىنىدا 3-ئاينىڭ 30-كۈنى شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە بىرىنچى ۋە قوشۇمچە ئىككىنچى تۈزىتىلمە لايىھەسى قاراپ چېقىلىپ ماقۇللىنىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى سىستېمىلىق تۈزىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. چەتئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار بۇ تەدبىرنى قوللايدىغانلىقى ۋە ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ تەدبىر كىشىلەر كۆڭلىگە ياقىدۇ، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق.
رۇسىيە جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار بىرلەشمىسى باش ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى قوشۇمچە دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ خاۋ مۇنداق دېدى: چەتئەللەردىكى چياۋمىن
قېرىنداشلار بۇ قېتىمقى شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەنلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ، بۇ ماھىيەتتىن تۈزەش يولى بولۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» نى مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بېلارۇسىيە جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ليۇ ياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى ۋە قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسىگە سىستېمىلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سايلام تۈزۈمىدىكى يوچۇق ۋە كەمچىلىكنى تولۇقلاپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنى، « شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» نى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

تايلاند جۇڭخۇا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى گۇيشيۇڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قوللانغان تەرتىپ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇپ، شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مالايشىيا جۇڭگو ئاممىۋى مۇناسىۋەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن تيەنلۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى يەنە بىر مۇھىم تەدبىر، بۇ يېڭى سايلام تۈزۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يەرلىكنىڭ سايلىمىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ.

لائوس جۇڭخۇا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياۋ بىڭ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە بىرىنچىسى ۋە قوشۇمچە ئىككىنچىسى «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، شياڭگاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. مۇتلەق كۆپ ساندىكى شياڭگاڭلىقلارنىڭ مەنپەئەتىگە ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى شياڭگاڭغا ئالاقىدار سودا ئەربابلىرى، سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئىدراكىي كۆزلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يېڭى زېلاندىيە ۋېللىڭتون جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گاۋ خېجۈن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە بىرىنچىسى ۋە قوشۇمچە ئىككىنچىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ. «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» شياڭگاڭنىڭ خەلق رايىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. چەتئەلدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قارارىنى قوللايدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» شياڭگاڭنىڭ خەلق رايىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمدىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن. چەتئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قارارىنى قوللايدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ.

ئاۋسترالىيەدىكى پۈتۈن ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چيەن چىگو مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ شياڭگاڭدا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سايلام تۈزۈمىدە ساقلىنىۋاتقان يوچۇقلارنى تولۇقلاش، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مېكسىكا يۇكاتان يېرىم ئارىلىدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بەي يى مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ قوشۇمچە بىرىنچى ۋە قوشۇمچە ئىككىنچىسىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، شياڭگاڭنى كەلگۈسىدە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى. شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

فىرانسىيە جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جياچىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت قاتلىمىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان «شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش»، شياڭگاڭدا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىدە مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

بېلگىيە-جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇ خەيئەن مۇنداق دېدى: سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى تۈزۈم جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، شياڭگاڭنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، شياڭگاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگىمۇ پايدىلىق. «بۇ خەلقنىڭ ئارزۇسى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى يەنە بىر ئابىدە.

پۈتۈن ئافرىقا جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۈ چاڭبىن مۇنداق دېدى: ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دىن ئىبارەت تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە پايدىلىق.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

چەتئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللىدى

ئاۋسترالىيەدىكى پۈتۈن ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ