ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-31 17:14

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1- قوشۇمچە ھۆججىتى ـ ـ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى»، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 2-قوشۇمچە ھۆججىتى ـ ـ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن كېڭىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى» تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەلەر ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا ئالاقىدار ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ سۆز قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنى يېپىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بەرگەن ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 1-قوشۇمچە ھۆججىتى ۋە 2-قوشۇمچە ھۆججىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى.«قارار + قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش» ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە مۇھىم قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مۇكەممەللەشكەندىن كېيىنكى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام كومىتېتى قايتىدىن قۇرۇلدى ھەمدە ھوقۇقى كۆپەيتىلدى، سايلام كومىتېتىنىڭ كۆلىمى، تەشكىللىنىشى ۋە ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى تەڭشەلدى ۋە سەرخىللاشتۇرۇلدى، باش مەمۇرنى سايلام كومىتېتى داۋاملىق سايلاپ چىقىدىغان بولدى ھەمدە سايلام كومىتېتىغا قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ بىر قەدەر زور نىسبەتتىكى ئەزالىرىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ۋە بارلىق قانۇن كېڭىشى ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسىتىشكە بىۋاسىتە قاتنىشىش يېڭى فۇنكسىيەسى بېرىلىپ، ئالاقىدار

نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى مېخانىزمى قاتارلىقلار ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنىي ئورنى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر يۈرۈش دېموكراتىك سايلام تۈزۈمى شەكىللەندۈرۈلدى.
بۇ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى «بىر دۆلەت» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ۋە «ئىككى تۈزۈم» پەرقىگە ھۆرمەت قىلىش، مەركەزنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ پىرىنسىپنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پۇختا سىياسىي ئاساس، قانۇنچىللىق ئاساسى ۋە ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىدا بېكىتىلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداش، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى، تەۋرەنمەسلىكى ۋە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ يەرلىك ئالاقىدار قانۇنلىرىغا قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار سايلام پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشى، باشقۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر تەشۋىق قىلىش، شەرھلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى سىياسىي ۋە جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى، «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، شياڭگاڭدىكى تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ، شياڭگاڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ.

يېپىلىش يىغىنىدىن بۇرۇن، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 89- ۋە 90-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار قارالمىلارنى قاراپ چىقتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-سانلىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27-سانلىق يىغىنى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى