ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالىنىڭ رەئىسى زاندانشاتىر بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-02 10:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 31-مارت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىدېيو شەكىلدە موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالىنىڭ رەئىسى زاندانشاتىر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە مەڭگۈ قەلبداش، رىشتىسى باغلانغان، مەنپەئەتى يۇغۇرۇلغان دوست قوشنىلار ۋە ياخشى قوشنىلاردىن بولۇشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر موڭغۇلىيەنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، موڭغۇلىيە بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ ئالاقىسى كۆپەيدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈچەيدى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلقنىڭ ھېسسىياتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ۋە تەسىرى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە بىر بىرىنى چۈشىنىپ، بىر بىرىنى قوللاپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى جانلىق شەرھلىدى. كېيىنكى يۇقۇم مەزگىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە «يايلاق يولى» تەشەببۇسىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇلارى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. 2014-يىلى پارلامېنتلارنىڭ قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن. بىرىنچى، جانلىق ئۇسۇل ئارقىلىق، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ نىشانلىق ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرسەك. ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، تۈزىتىپ ياكى چىقىرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى تەڭ قۇرۇپ ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلساق. ئۈچىنچى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرسەك.

زاندانشاتىر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. جۇڭگو 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇلارى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالىنىڭ رەئىسى زاندانشاتىر بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 31-مارت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىدېيو شەكىلدە موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالىنىڭ رەئىسى زاندانشاتىر بىلەن سۆھبەتلەشتى.