مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق ئۆلكىلەردە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 1-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەن 14 ئۆلكە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. چۇڭچىڭ شەھىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، دائىرە بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ، «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەمەلىي مەشغۇلات قوللانمىسى»نى تۈزۈش ئارقىلىق، ئەملەش ئاپپاراتلىرى بىلەن كوچا-مەھەللە، چوڭ كارخانا، مەكتەپ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى دەل جايىدا تۇتاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىلىرىنىڭ «ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىش» ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، چوڭ تىپتىكى چاسا شەكىللىك ۋاكسىنا ۋاقىتلىق ئەملەش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئەملەش ئىقتىدارىنى كېڭەيتتى، چۇڭچىڭ شەھىرىدە نۆۋەتتە بىر كۈندە 600 مىڭ ۋاكسىنا قېتىم ئەملەشنى تاماملىغىلى بولىدۇ. تيەنجىن شەھىرى نۆۋەتتە 5 مىڭدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەش تېببىي خادىمى سەپلىدى ھەمدە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىدى، ھەر بىر ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا مەخسۇس دوختۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ۋاكسىنا ئەملەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل قىلدى. ھازىرغا قەدەر، تيەنجىن شەھىرىنىڭ داۋالاش ساھەسىدىكى خادىملارنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى %80 كە يەتتى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەملەشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئەملىدى.