ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈنچېڭ شەھىرىدە: ۋىۋىسكا ئازايدى، مۇلازىمەت ياخشىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-06 16:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھىرى جىشياڭ مەھەللىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ناخشا ساداسى ياڭرىدى، مەھەللە ئاھالىسى چاۋ رۇڭخۇا: ھازىر بۇ «پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزى» ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىككىنچى ئائىلىمىز بولۇپ قالدى، دېدى.

ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى مەھەللىدىكى پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قىياپىتى ھېلىمۇ چاۋ رۇڭخۇانىڭ ئېسىدە، ئىشىك ئالدىغا مىس مېداللار ئېسىلغان بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتى ئىشخانىسى، ياش خەلق ئەسكەرلىرى ئائىلىسى قاتارلىق ۋىۋىسكىلار ئادەتتىكى ئاھالىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قوياتتى، مەھەللىگە كىرسە، ھەر بىر ئىشخانىدا يەنە بىر نەچچە ۋىۋىسكا بار ئىدى، ئىش بېجىرىشتە ئاۋۋال ۋىۋىسكىنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلەتتى.

مەھەللىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زو سەيبيەن مۇنداق دېدى: «ۋىۋىسكىنىڭ بىرى بېرىلسە بىرىنى ئاساتتۇق، ئۈستىدە بىر ئىدارە بولسا مەھەللىمىزگە بىر ۋىۋىسكا ئېسىلىدۇ، ۋىۋىسكا ئېسىلىپلا قالماي، يەنە تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋالاتتۇق، مەھەللىدە جەمئىي بەش خىزمەتچى بار، ئەمەلىيەتتە ئاساسلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، نەدىمۇ ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنچە كۆپ زېھىن-كۈچ بولسۇن؟

بۇلتۇردىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھىرى يېزا مەھەللە پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە ساقلىنىۋاتقان «قۇرۇق ۋىۋىسكا ئېسىپ ئىش بېجىرمەسلىك، ۋىۋىسكا بەك كۆپ بولۇپ ئىشنى قالايمىقان قىلىش، تۈزۈم كۆپ بولۇپ ئىش بېجىرمەسلىك، ئىقتىدارى كارغا كەلمەي ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش، مۇلازىمەت كەمچىل بولۇپ چاتاق چىقىرىش» قاتارلىق شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، يېزا مەھەللىلەردە شەكىلۋازلىق قىلىپ ۋىۋىسكا ئېسىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ۋىۋىسكىنى ئازايتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەش ئارقىلىق كادىرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاممىغا ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

ھازىر جىشياڭ مەھەللىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۆتلا ۋىۋىسكا بار، ئاھالىلەر كىرىپ-چىققاندىمۇ ۋىۋىسكىغا قارىمىسىمۇ بولىدۇ، «پارتىيە رەھبەرلىكىدە ھەممە ئىشنى بېجىرگىلى بولىدۇ» دېگەن سۆز مەھەللىنىڭ يېڭى «ۋىۋىسكىسى»غا ئايلاندى، مەھەللە كەسپى ۋىۋىسكا بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى نېمە ئىش بولسا شۇنى بېجىرىدىغان بولدى.

يۈنچېڭ شەھىرى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، «بىر تۈركۈمنى ساقلاپ قېلىش، بىر تۈركۈمنى بىرلەشتۈرۈش، بىر تۈركۈمنى ئېنىقلاش، بىر تۈركۈمنى ئىخچاملاش»تەك تۈزەش چارىسىنى تۈزۈپ چىقتى، قانۇن-نىزام، مەركەز ۋە ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئېنىق ۋىۋىسكا ئېسىش تەلىپى بارلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، پائالىيەت مەزمۇنى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، مۇلازىمەت ئوبيېكتىغا ئالاقىدار بولغانلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۈنۈمىنى يوقاتقان، ئەسقاتمايدىغان، ئاممىغا يۈزلەنمىگەنلىرىنى ئېنىقلاپ، ئاشكارىلاش تاختىسى، تەشۋىقات تاختىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئىخچاملىدى.

ۋىۋىسكىنىڭ ئاز بولۇشىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن تەدرىجىي مۇلازىمەت قىلىشقا ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۈنچېڭ شەھىرى جىنجىڭ يېزىسى شىما كەنتىدە ئارتۇق ۋىۋىسكا يوق، كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى پاكىز، رەتلىك، توغرىسىغا ئېسىلغان «پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزى» دېگەن ۋىۋىسكا بۇ يەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ھازىر يۈنچېڭ شەھىرى يېزا مەھەللە پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزى «XX كەنت مەھەللە پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزى»نىڭ بىرلىككە كەلگەن نۇسخىدىكى ۋىۋىسكىسىنى توغرا يۆنىلىشتە، كۆرگەزمە ئاپپاراتىنىڭ بەلگە تاختىسىنى تىك يۆنىلىشتە ئاستى، چوقۇم ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك ۋىۋىسكىلارنى «ئىقتىدارلىق ئىشخانا»لارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كارتا سېلىش شەكلىدىكى 1-دەرىجىلىك بەلگە تاختىسى ۋە 2-دەرىجىلىك بەلگە تاختىسى شەكلىدە ئاستى، تامغا خىزمەت مەسئۇلىيىتى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مۇلازىمەت ۋاقتى قاتارلىق ئامما يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى چىقاردى. مۇلازىمەت مەزمۇنىنى پۇقرالار ئېنىق كۆرەلەيدىغان بولدى.

يۈنچېڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى لى جۈنمىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ۋىۋىسكىلار مەھەللە، يېزىلارغا ئېسىلغان بولسىمۇ، شەكىلۋازلىقنىڭ يىلتىزى يەنىلا فۇنكسىيەلىك تارماقلاردا ئىدى، بىز يېزىلاردىكى شەكىلۋازلىقنى تۈزەش ئارقىلىق ھەر قايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈنچېڭ شەھىرىدە: ۋىۋىسكا ئازايدى، مۇلازىمەت ياخشىلاندى

سەنشى ئۆلكىسى يۈنچېڭ شەھىرى جىشياڭ مەھەللىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ناخشا ساداسى ياڭرىدى، مەھەللە ئاھالىسى چاۋ رۇڭخۇا: ھازىر بۇ «پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزى» ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىككىنچى ئائىلىمىز بولۇپ قالدى، دېدى.