ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-06 16:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى دەرسخانىسىنى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق ئىنقىلابىي تەربىيە بازىلىرىغا يۆتكەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى.

شىنجاڭ مالەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم قىسمى «مالەن روھىنى قانداق قىلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر خاتىرە مۇنارىدىكى ئىسىملارنى تۇتۇپ، بۇ ئىسمىنىڭ كەينىدىكى قىزىل ھېكايىلەرنى بىر ـ بىرلەپ سۆزلەۋاتاتتى. چاڭبەيشەن ئېتىكىنى ساقلاۋاتقان بىرلەشمە ئارقا سەپ تەمىنات كاپالەت قىسمىنىڭ مەلۇم ئىسكىلاتى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش قەھرىمانى گېنېرال چېن خەنجاڭنىڭ قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ھېكايىسىنى ئەسلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەشكىللىدى، سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى يۈەن مياۋ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىمىزگە ئىلھام بېرىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز، پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن ئەقىل-پاراسەت ئېلىپ، پەزىلىتىمىزنى چېنىقتۇرۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگونىڭ 8-تۈركۈمدە مالىغا بارغان تىنچلىق ساقلاش ساپيورلار شۆبە ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر «31-ماي ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە باغچىسى»دا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، سەپداشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان تىنچلىق ساقلاش قەھرىمان جەڭچىسى، «خەلق قەھرىمانى» شېن لياڭلياڭنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

شاڭشى دۇ شۈەي مۇنداق دېدى: مېنىڭ تۇنجى قېتىم تىنچلىق ساقلاشقا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىشىم ئىنقىلابىي قۇربان شېن لياڭلياڭنىڭ روھىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان ئىدى. بىر پارتىيە ئەزاسى، بىر ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنقىلابىي قۇربان شېن لياڭلياڭنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تىنچلىقنى قوغداش بۇرچ مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى ئىچىدە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدارنى تاۋلايمەن.

دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش خەيلار خاتىرە باغچىسىدا، قىزىل تارىخنى ئەسلەۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىم ئىچكى موڭغۇل باش ئەترىتى خۇلۇنبېر تارماق ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئېۋېنكې ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىزىل تارىخنىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى بولدى. قوراللىق ساقچى قىسىم ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئېۋېنكې يېتەكچىسى سوڭ گېسىن مۇنداق دېدى: بىز بىرلىكتە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتۇق شۇنداقلا بۇ تارىختىن ئىلھام ئالدۇق، كۈرەش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەيلى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有