ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-06 16:31

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قارىتىپ، ئىشنى ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن، ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەردىن تۇتۇپ باشلاپ، ئەڭ رېئال مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىن ئىشلىرى، ئاممىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ، كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن، يۇقىرى سۈپەتلىك بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش؛ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش، ئەل رايىنى بىلىشنى «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى پائالىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمى قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە، ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇنلارغا، خىزمەت مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەش؛ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تۈرلىرىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش؛ شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى ئىشنى ھەقىقىي، ئەمەلىي، ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ياخشى قىلىش كېرەك.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

يېقىندا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.