ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشتىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 09:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاپرېل «ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشتىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىلدىن بۇيان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۇنياۋى تۆھپىسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىشنىڭ يېپيېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ جۇڭگو يېزىلىرىنى ئۆزگەرتىشى تارىخىي خاراكتېرلىك، ئەتراپلىق بولۇپ، جۇڭگو يېزىلىرىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، بۇ-نامرات رايونلارنىڭ قالاق قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخىدا كۆك نامراتلىق تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسى، يۈز يىللىق ئۈمىد-ئىستىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگو كۆك نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، بۇ-جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخى، ھەتتا ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىگە زور تۆھپە قوشتى.

ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، خاتىمىدىن باشقا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، نامراتلىق بولمىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ تەڭ بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشتىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاپرېل «ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشتىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.