ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ «ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 09:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، بۇ نىزام بۇ يىل 15-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش، سېتىش، پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش-دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھازىرقى «نىزام»نى يولغا قويۇش جەريانىدا بىر قىسىم يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر بولۇپ قالدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام»دا، ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدە ئالتە جەھەتتىن نۇقتىلىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

بىرىنچى، سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق تىجارىتى پائالىيىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى، ئاشلىقنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ تۆتىنچى، ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش؛ بەشىنچى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئالتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.

«نىزام»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك؛ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئاشلىق ۋە زاپاس ساقلاشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئاشلىق ئوبوروتىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ئاشلىق ئوبوروتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىسا، جاۋابكارلىقى بار رەھبەرلەر ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ «ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلىش ھەققىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، بۇ نىزام بۇ يىل 15-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.