ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ۋىدېيو ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى يەتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-08 16:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 7-ئاپرېل بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ۋىدېيودا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كادىر ۋە ئامما ۋىدېيو ئارقىلىق ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىغا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بايان قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان سەپسەتىلىرىنى پاش قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن يېقىندىن بۇيان، خەلقئارادىكى ئايرىم يامان غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئالماي، ئاتالمىش شىنجاڭ «جازا لاگېرى» تەسىس قىلدى، «كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى «مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەتكۈزدى»، «ئىرقىي يوقىتىش»نى يولغا قويدى دېگەن يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى تەرەپ-تەرەپكە تارقاتتى، بۇنداق دېيىش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، پۈتۈنلەي پىتنە-ئىغۋا، تۆھمەت، سېپى ئۆزىدىن يالغانچىلىق.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم غەرب سىياسەتۋازلىرى بىر قانچە ئادەم ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىشكە رازىكى، شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ؛ ئاز ساندىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ رەزىل ئويۇنلىرىغا ماسلىشىشنى خالايدۇكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىدىكى ئاساسىي پاكىتقا توغرا قاراشنى خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى تۈپ مەقسىتى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت.

يىغىن نەق مەيدانىدا، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئامما ۋەكىللىرى بەس-بەستە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بايان قىلىپ، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش، قارا چاپلاش قىلمىشلىرىغا رەددىيە بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ۋىدېيو ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسى يەتكۈزۈلدى

جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 7-ئاپرېل بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ۋىدېيودا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كادىر ۋە ئامما ۋىدېيو ئارقىلىق ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىغا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بايان قىلىپ،