ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2021-يىللىق جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتى شاڭخەيدە باشلاندى دۆلەت ماركىسى يېڭى ئىستېمال، يېڭى مودىغا يېتەكچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:06

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

2021-يىللىق جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شاڭخەي كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ 5-قېتىم جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى.

«جۇڭگو ماركىسى، دۇنيا ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەپ قوش ئايلىنىش، يېڭى ئىستېمالغا يېتەكچىلىك قىلىش»- بۇ يىللىق جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتى 2021-يىللىق جۇڭگو ماركىسى تەرەققىيات خەلقئارا مۇنبىرى، جۇڭگو مۇستەقىل ماركا كۆرگەزمىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تور ئىچى ۋە سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، 1500دىن ئارتۇق كارخانا جەلپ قىلىندى.

«جۇڭگو پاراخوتى»دىن «جۇڭگو ئاپتوموبىلى»غىچە، «خوشىنشەن» دوختۇرخانىسى، «لېيشىنشەن» دوختۇرخانىسىدىن شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىگىچە، 19 مەركەز كارخانىسى كۆرگەزمە رايونىدا چوڭ دۆلەتنىڭ زور بىر تۈركۈم مۇھىم مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپ تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى شيا نۇڭ مۇنداق دېدى: پۈتكۈل جەمئىيەتتە ماركا ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ماركا كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ماركا كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تۇنجى قېتىم «يۈن 20» يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى، «كۇنلۇڭ» AG600 قاتارلىق ئاۋىياتسىيە جابدۇقلىرىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جۇ گوچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم بىز «يۈن 20»نى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇشنى تاللىدۇق، سەۋەبى، بىرىنچىدىن، ئۇ چوڭ، چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىمىزنى تېخىمۇ نامايان قىلالايمىز. ئىككىنچىدىن، بۇ ئايروپىلاننى ياساپ چىقىشمۇ ئاسانغا توختىمىدى، ئۇ بۇ ساھەنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مەملىكەت بويىچە 2000 دىن ئارتۇق كارخانىغا چېتىلىدىغان بولغاچقا، بىرلىكتە تەتقىق قىلدۇق. بۇلتۇر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، دايۈن ئايروپىلانى ۋۇخەنگە ۋە دۆلەت سىرتىغا ئۇچۇپ، بىزنىڭ جۇڭگو ماركىمىزغا رەڭ قوشتى.

جۇڭگو ياسىمىچىلىقى دۆلەتنىڭ ئىسىم كارتىسىنى جۇلالاندۇردى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى جۇڭگو سۈرئىتىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكىسى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، كىيىم- كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاممىۋى ئىستېمال بۇيۇملىرى ماركىسىنىڭ دەرىجىسىمۇ كۈنسېرى ئۆسۈپ، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، گۇاڭدۇڭ كۆرگەزمە زالىدا گۇاڭدۇڭ لىجىسى قاتارلىق «گۇاڭدۇڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى» ئومۇميۈزلۈك كۆرسىتىلىپ، «گۇاڭدۇڭ» ئالاھىدىلىكى تولۇق نامايان قىلىندى؛ بېيجىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، ئاپتوماتىك ھەيدەش قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئاساس قىلىندى؛ چىڭخەي كۆرگەزمە زالىدا چىڭخەي شامال ئېنېرگىيەسى، قوتاز گۆشى قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك بىخەتەر مەھسۇلاتلار ئاساس قىلىندى .مەركەز كۆرگەزمە رايونىدىن باشقا، 37 يەرلىك باش تېما كۆرگەزمە رايونىدا جايلارنىڭ ئۆزگىچە داڭلىق ماركا يارىتىشتىكى يېڭى تەدبىرلىرى، يېڭى نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى.

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «ماركا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى» جۇڭگو ماركىسى كۈنى باش تېمىلىق پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شاڭخەي خەلقئارا تاراتقۇ پورتىدا ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت- باش ئىستانسىسىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ بايلىقىغا تايىنىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت دەرىجىلىك ماركىلارنى يېتىشتۈرۈش. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2021-يىللىق جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتى شاڭخەيدە باشلاندى دۆلەت ماركىسى يېڭى ئىستېمال، يېڭى مودىغا يېتەكچىلىك قىلدى

-يىللىق جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شاڭخەي كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ 5-قېتىم جۇڭگو ماركىسى كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى.