ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«كۈرەشچان 100 يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، داڭلىق شەخسلەر» __سەي خېسېن، چۈ چيۇبەي

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:09

سەي خېسېن 1895-يىلى 3-ئايدا شاڭخەيدە تۇغۇلغان، ياش-ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا «خەلقنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش»تەك ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، جۇڭگونى ئۆزگەرتىشكە ئىرادە باغلىغان.

1919-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ فىرانسىيەگە بېرىپ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇپ، جۇ ئېنلەي، جاۋ شىيەن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياۋروپادا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتىنى قۇرۇشنى پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، فىرانسىيە ياچېيكىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ يولداش چېن دۇشيۇ ۋە ماۋ زېدۇڭ بىلەن خەت يېزىشىپ، كومپارتىيە قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، يېتەكچى ئىدىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا توغرا تەشەببۇس چىقىرىپ، «جۇڭگو كومپارتىيەسى» دېگەن نامنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان.

1921-يىلى 7-ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. سەي خېسېن قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىدىيە، تەشكىلىي جەھەتتە، بولۇپمۇ پارتىيە قۇرۇش نەزەرىيەسى جەھەتتە زور تۆھپە قوشقان.

1931-يىلى سەي خېسېن شياڭگاڭغا بېرىپ گۇاڭدۇڭنىڭ ئىنقىلابىي خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا بەختكە قارشى قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە ئۇ قەتئىي تىز پۈكمەي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانغا قەدەر، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە كۈرەش قىلغان.

چۈ چيۇبەي، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، مەشھۇر پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، نەزەرىيەچى ۋە تەشۋىقاتچى، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. 1899-يىلى 1-ئايدا، چۈ چيۇبەي جياڭسۇنىڭ چاڭجۇدا تۇغۇلغان، 1922-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن.

چۈ چيۇبەي «يېڭى ياشلار» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، نۇرغۇن سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ماركسىزمدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، جۇڭگو ئىنقىلابى مەسىلىسىنى دەلىللەپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىجادىي تۆھپە قوشقان.

1925-يىلىدىن باشلاپ، چۈ چيۇبەي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 4 ـ، 5-، 6-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي بىيۇرونىڭ ئەزاسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇھىم رەھبىرىگە ئايلانغان.

مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىن، چۈ چيۇبەي جەنۇبتا قېلىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. 1935-يىلى 2-ئايدا فۇجيەننىڭ چاڭتىڭدا گومىنداڭ ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. دۈشمەنلەر ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭغا نەپ يەتكۈزۈپ، تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەممىسىنى قاتتىق رەت قىلغان. چۈ چيۇبەي شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى 36 يېشىدا قۇربان بولغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«كۈرەشچان 100 يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، داڭلىق شەخسلەر» __سەي خېسېن، چۈ چيۇبەي

سەي خېسېن 1895-يىلى 3-ئايدا شاڭخەيدە تۇغۇلغان، ياش-ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا «خەلقنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش»تەك ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ،