ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز نوپۇسى بىر مىليارد 411 مىليون 780 مىڭغا يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك 7-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې يىغىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى جەمئىي بىر مىليارد 411 مىليون 780 مىڭ بولۇپ، 2010-يىلىدىكى بىر مىليارد 339 مىليون 720 مىڭ نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا، 72 مىليون 60 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، %5.38 ئاشتى؛ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %0.53 بولۇپ، 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان 0.57 پىرسەنتلىك يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىدىن 0.04 پوئېنت تۆۋەنلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز نوپۇسى 10 يىلدىن بۇيان داۋاملىق تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز نوپۇسى بىر مىليارد 411 مىليون 780 مىڭغا يەتتى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك 7-قېتىملىق