ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتايلى ۋە چۈشەندۈرەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىمىز 5-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە «دۇنيانى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇش، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورنى ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى «مەدەنىيەت، تارىخ، پەلسەپە» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ بارلىق مۇھەررىرلىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ژۇرنىلىنى ياخشى چىقىرىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى جاۋاب خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگولۇقلارنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈشتە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن، قانداق قىلغاندا جۇڭگو يولىدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرغىلى، جۇڭگو روھىنى تېخىمۇ ياخشى نۇرلاندۇرغىلى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈشتە، بىزنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى شەرھلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھەر قېتىملىق چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتە، ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەردە خىرىس تېخىمۇ كۆپ، تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا جىددىي موھتاج. بىز پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلىم ئىجادىيەت ئىقتىدارىمىزنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە پەن قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، چىگىش، مۇرەككەپ بولغان كۆپ مەنبەلىك پىكىر ئېقىمى مۇھىتىدا، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىدىيەۋى قۇۋۋەت قوشۇشىمىز شەرت.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇتايلى ۋە چۈشەندۈرەيلى

ئىستانسىمىز 5-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە «دۇنيانى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇش، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش