دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 38.8 ياش، ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس 880 مىليون
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. گوۋۇيۈەن 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس 880 مىليون بولۇپ، ئەمگەك كۈچى بايلىقى يەنىلا تولۇق ئىكەن. ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 38.8 ياش بولۇپ، يەنىلا ياش ۋە كۈچلۈك ئىكەن.