ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 15 تارماق «يورۇقلۇق ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 15 تارماق بىرلىشىپ يېقىندا «بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان يورۇقلۇق ھەرىكىتى خىزمەت لايىھەسى» نى تارقاتتى، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 15 تارماق بىرلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش، دالا پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىش، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق سەككىز مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، 2025-يىلىغىچە ھەر يىلى بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، 2030-يىلىغىچە جۇڭگودىكى بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا تىزگىنلەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %38 تىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %60 تىن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى %70 تىن تۆۋەنلىتىدۇ، دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىق ئۆلچىمىگە يېتىشتىكى مۇنەۋۋەر بولۇش نىسبىتىنى %25 تىن ئاشۇرىدۇ. 





中央广播电视总台 央广网 版权所有

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 15 تارماق «يورۇقلۇق ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇردى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 15 تارماق بىرلىشىپ يېقىندا «بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە