ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن فۇدەن داشۆسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش باش ئىستانسىسى-فۇدەن خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن فۇدەن داشۆسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رامكا كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى شېن خەيشيۇڭ، فۇدەن داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جياۋ ياڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

شېن خەيشيۇڭ بىلەن جياۋ ياڭ يەنە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى فۇدەن داشۆسى خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇقىنى بىرلىكتە ئاچتى.

شېن خەيشيۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارغا «ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەش، ئەخلاق-پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىش»تىن ئىبارەت سەمىمىي ئۈمىد باغلاپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپىغا «ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش» شۇنداقلا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىم مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى فۇدەن داشۆسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىلىم-پەن قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى، بۇ باش ئىستانسىسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسلىق تاراتقۇ بەرپا قىلىشى، فۇدەن داشۆسىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە داشۆ بەرپا قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تاراتقۇلار بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ يەنە بىر بەلگىسىنى تىكلەيدۇ.

شېن خەيشيۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: فۇدەن داشۆسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش- مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئالىي مەكتەپلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى. باش ئىستانسا پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە مۇھىم بازىسى ۋە دۆلەتلىك رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تارقىتىش ئەمەلىيىتى ئەۋزەللىكى، مۇستەقىل ئۈن سىن بايلىقى ئەۋزەللىكى، كۆپ تىللىق تولۇق تاراتقۇ سۇپىسى بولۇش ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، فۇدەن داشۆسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ھېس قىلىش كەڭ سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئىختىساسلىقلارنى بىرلىشىپ يېتىشتۈرۈش، ئاخبارات تارقىتىش تەتقىقاتى، بولۇپمۇ خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقاتى، پىراكتىكا-ئەمەلىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ-كۆلەمدە ھەمكارلىشىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن فۇدەن داشۆسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش باش ئىستانسىسى-فۇدەن خەلقئارا تارقىتىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىلەن فۇدەن داشۆسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى