ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پىراكتىكانتلىرى «ئوقۇغۇچى ئىشچى» ئەمەس

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:50

 

بىر كۈندە 12 سائەت خىزمەت قىلغان، خىزمەت مەزمۇنى كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پىراكتىكا قىلمىسا ياكى پىراكتىكا ۋاقتى توشمىسا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالالمىغان... يېقىندا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان «جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ تېخنىك شۆيۈەنى ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلەنگەن زاۋۇتقا بېرىپ پىراكتىكا قىلىشقا مەجبۇرلاش، بولمىسا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرمەسلىك» ۋەقەسى «ئوقۇغۇچى ئىشچى»دىن ئىبارەت بۇ كونا تېمىنى ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە قايتىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ ئوخشاش ۋەقەنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشى ئەمەس. «كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا قىلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە، پىراكتىكا ئىش ئورنى چوقۇم كەسپىي تەربىيەلەش نىشانى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەن كەسپى بىلەن ماس كېلىشى ياكى يېقىن بولۇشى، ۋاسىتىچى ئاپپارات ياكى ھەقلىق ۋاكالەتچىلىك تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرماسلىقى ۋە باشقۇرماسلىقى ئېنىق تەلەپ قىلىنغان. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بەزى كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، يېقىن كەلمەيدىغان پىراكتىكا ئورۇنلىرىغا خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، مەسىلەن، ماشىنا-ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى ئۆگەنگەنلەرنى ئىچىملىك سېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنى يان تېلېفون ياسايدىغان «ئاقما لىنىيە ئىشچىسى» قىلىش قاتارلىقلار؛ بەزى كەسپىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى قاتارىدا كارخانىغا «سېتىپ»، 1000 يۈەندىن ئارتۇق «باشقۇرۇش ھەققى» ئالىدۇ؛ بەزى كەسپىي مەكتەپلەر «ئىلمىي ئۇنۋان ئارقىلىق پىراكتىكا قىلىشقا بۇيرۇق قىلىپ»، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلايدۇ... بۇ قالايمىقانچىلىقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپلا قالماي، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، پىراكتىكىنىڭ مەقسىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىشىنى ئوقۇتۇشنىڭ ئەسلىي مەقسىتىگە ھەقىقىي قايتۇرۇش لازىم. كەسپىي مەكتەپلەردىكى پىراكتىكىنىڭ ئارقىسىدىكى مەنپەئەت زەنجىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەك ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ياكى كارخانىلارغا «ھايىنىغا سېتىش» قىلمىشىنى توسۇشتا ئەمگەك رېۋىزىيە تارماقلىرى قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، پىراكتىكانتلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك؛ مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسئۇل تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، بىرى بايقالسا، بىرىگە زەربە بېرىشى كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قائىدىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى بايقىغاندا ئالاقىدار ئەمگەك تارماقلىرى ياكى مائارىپ تارماقلىرىغا ئەرز قىلىشى كېرەك؛ مەكتەپ ۋە كارخانىلار قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ياخشى كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ يادرونى چۆرىدەپ پىراكتىكا سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە سانائەت بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ئەمەلىي ئەمگەكتە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ پىراكتىكانتلىرى «ئوقۇغۇچى ئىشچى» ئەمەس

    بىر كۈندە 12 سائەت خىزمەت قىلغان، خىزمەت مەزمۇنى كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پىراكتىكا قىلمىسا