جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بۇ يىل يوقاپ كەتكەن، ئالداپ كېتىلگەن 1680 بالىنى قايتۇرۇپ كەلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
مۇشۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ بالدۇرراق ئۆيىگە قايتىشى، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنىڭ جەم بولۇشى ئۈچۈن، دۆلەتتىن تارتىپ جەمئىيەتتىكى كۈچلەرگىچە ھەممىسى ھەرىكەتكە كەلدى. مۇخبىرنىڭ 1-ئىيۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى "جەم بولۇش" ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن بۇيان، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بالىلارنى ئالداپ سېتىۋېتىشكە ئالاقىدار بېسىلىپ قالغان دېلولارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن پاش قىلىپ، ئالداپ سېتىشتىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تۇتۇپ، يوقاپ كەتكەن، ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزدەپ، بۇ يىل يوقاپ كەتكەن، ئالداپ كېتىلگەن 1680 بالىنى تېپىپ قايتۇرۇپ كەلگەن.