ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە يېڭىدىن تۇغۇلغان نوپۇس نېمە ئۈچۈن ئازلاپ كەتتى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-02 16:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ماي يىغىن ئېچىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بىر جۈپ ئەر ـ ئايالنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك.

مۇتەخەسسىسلەر ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نېمە ئۈچۈن تۇغۇلغان نوپۇس سانىنىڭ يەنىلا ئاز بولۇش مەسىلىسىنى تەھلىل قىلدى. جۇڭگو نوپۇس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جەي جېنۋۇ مۇنداق دېدى: يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى بالىلىق بولۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگودا تۇغۇلغانلارنىڭ سانى ۋە تۇغۇلۇش نىسبىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش بولدى، تۇغۇلغانلارنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يىلىغا 18 مىليوندىن ئاشتى، لېكىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ سانى بارا-بارا ئازلاپ كەتتى. بۇمۇ نورمال ئەھۋال، چۈنكى ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىر جۇغلانما ئۈنۈم بولىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تۇغۇت سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن. ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئالىي مائارىپ ئومۇملاشتى، ئىجتىمائىي كاپالەت مۇكەممەللەشتى، ئاز تۇغۇش، سۈپەتلىك تۇغۇش-ئىجتىمائىي تۇغۇت قارىشىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى.

جۇڭگو نوپۇس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جەي جېنۋۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ھەر يىلى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ سانى 5 مىليون ئەتراپىدا ئازلايدۇ، ئەڭ ياخشى تۇغۇت مەزگىلدىكى ئاياللارمۇ تەخمىنەن نەچچە مىليون ئازلايدۇ، شۇڭا تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كۆلىمىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، تۇغۇلغان بالىلار سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئاممىنىڭ تۇغۇش ئارزۇسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ تۇغۇلغان نوپۇس سانىنىڭ ئازلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خېلى كۆپ نىسبەتتىكى ئائىلىلەر يەنە پەرزەنتلىك بولۇشنى ئويلىدىيۇ جۈرئەت قىلالمىدى، بۇنىڭ ئالدىنقى ئۈچ سەۋەبى- ئىقتىسادىي يۈكى ئېغىر، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئائىلە بىلەن خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى تەسكە توختىغان.

جۇڭگو نوپۇس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جەي جېنۋۇ مۇنداق دېدى: بىز قېرىلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدۇق، تۇغۇت نىسبىتى يەنە تەدرىجىي تۆۋەنلىدى، تۇغۇلغانلارنىڭ سانىمۇ تەدرىجىي ئازلىدى، مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە مەركەز يەنە ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى چىقاردى، مېنىڭچە بۇ نوپۇس ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە يېڭىدىن تۇغۇلغان نوپۇس نېمە ئۈچۈن ئازلاپ كەتتى؟

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ماي يىغىن ئېچىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇغۇت سىياسىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بىر جۈپ ئەر ـ ئايالنىڭ ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك.