ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-03 16:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 3-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئوتى بىلەن ۋىدېيو ئارقىلىق سۆھبەتلەشتى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى 2019-يىلى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى رەھبىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇلدى. جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى خالايدۇ.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى تاللىغان ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن، شىنجاڭ، شياڭگاڭ قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىدە جۇڭگونى قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى بىلەن يۇقىرى قاتلام ۋە ھەر قايسى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئاساسىدا ئۇل ئەسلىھە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك دوستلۇق ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى؛ كۆپ تەرەپلىك ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى خەلق پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ساھەلەر بويىچە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرسە؛ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان قانۇنىي ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا تەستىقلىسا ۋە تۈزىتىش كىرگۈزسە؛ قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگەنسە ۋە ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ.

ئوتى مۇنداق دېدى: سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ساۋ جيەنمىڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى جەنشۇ سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 3-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سولومون تاقىم ئاراللىرى دۆلىتى خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئوتى بىلەن ۋىدېيو ئارقىلىق سۆھبەتلەشتى.