ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-03 16:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

2-ئىيۇن گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كۆپ خىل ئېغىر زەربە ئالدىدا، بىز بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى تەڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك شەكىللەندۈردۇق. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولماقتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ماكرولۇق سىياسەتنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشىنى چۆرىدەپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىنى ساقلاش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كۆزدە تۇتۇلدى. بازار سۇبيېكتى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىرەك بولىدىغان تۈۋرۈك، بايلىق يارىتىدىغان مەنبەگە ئايلاندى. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش يولىدا تىرىشىپ مېڭىپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىجازەتلىك كىرىشىگە ۋە چېكىنىپ چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش؛ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، مونوپوللۇق ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى قوغداش؛ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، تۈزۈم ۋە تېخنىكا ئارقىلىق بازار سۇبيېكتىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئىش بېجىرىشتە باشقىلارغا تەلەپ قويماسلىقىنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تىجارەت-سودا مۇھىتىغا دائىر قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى قېلىپلىق، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش؛ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جايلار ۋە تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھاتتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازار سۇبيېكتى ۋە ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك.

سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجىلار يىغىنغا قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى

2-ئىيۇن گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى.