ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

5-ئايدا خەلق ئىگىلىكى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-17 10:15

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16-ئىيۇن 5-ئايدا خەلق ئىگىلىكى مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كۆپەيمە قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

5-ئايدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى داۋاملىق ئەسلىگە كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىدە مۇقىملىق ئاساسىدا مۇستەھكەملىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىق بارلىققا كەلدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.6 ئاشتى؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 594 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 4 تىرىليون 823 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشتى.

فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: 5-ئايدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، سانائەت ماشىنا ئادىمى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %166.3، %50.1، %37.6 ئېشىپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %19تىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق نامايان بولدى، يېڭى كەسىپ ھالىتى تېز تەرەققىي قىلدى، سۇپا ئىقتىسادى، توردا پارچە سېتىش، تور مائارىپى داۋاملىق جانلاندى.

5-ئايدا ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن داۋاملىق 2.2 پوئېنت يۇقىرى بولدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

5-ئايدا خەلق ئىگىلىكى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16-ئىيۇن 5-ئايدا خەلق ئىگىلىكى مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كۆپەيمە قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.