ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-17 16:59

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 2021-يىلى 17-ئىيۇن سائەت 9دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇرلۇق F يىراقتىن سىزىش 12 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتاغا جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە دەل ۋاقتىدا ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلىپ، تەخمىنەن 573 سېكۇنتتىن كېيىن، شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى راكېتادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرىپ، نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ، تاڭ خۇڭبو قاتارلىق ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ چىققان، ئۇچۇش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، قويۇپ بېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.
بۇ ئېلىمىزدە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇلۇپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 19-قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا بوشلۇق پونكىتى باسقۇچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى. ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا تېز ئۇچرىشىپ تۇتىشىدۇ. بىرىكمە گەۋدە ئۇچۇش مەزگىلىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلۈمىسىگە كىرىپ، ئوربىتىدا ئۈچ ئاي تۇرۇپ، ماشىنا بىلەك مەشغۇلاتى، بۆلمىدىن چىقىش پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئوربىتىدا تۇرۇش، قايتا ھاياتلىقنى ساقلاش قاتارلىق بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى دەلىللەيدۇ.
ھازىر تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسى تيەنجۇ 2-نومۇرلۇق بىرىكمە گەۋدە بىلەن تەخمىنەن 390 كىلومېتىر كېلىدىغان چەمبەرگە يېقىن تۇتاشتۇرۇش ئوربىتىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ھالىتى ياخشى، شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپى ۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىرىش شەرتىنى قاندۇرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 12-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

ھازىر تيەنخېنىڭ يادرولۇق بۆلمىسى تيەنجۇ 2-نومۇرلۇق بىرىكمە گەۋدە بىلەن تەخمىنەن 390 كىلومېتىر كېلىدىغان چەمبەرگە يېقىن تۇتاشتۇرۇش ئوربىتىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ،