ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش» نامىلىق ھۆججەتلىك فىلىم باش ئىستانسىسىدا قويۇلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-18 16:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

«يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش» نامىلىق 24 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىمنى قويۇش مۇراسىمى 17-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ فىلىمنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، مەركىزىي ئارخىپخانا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان.

مەخسۇس فىلىمدە 100 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ «يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش» ئىرادىسى، پۇختا، جاپالىق ئىشلەش روھى، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى باشتىن-ئاخىر ئۇنتۇماي، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، يەنە قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان.

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى شېن خەيشيۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داغدام يولنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تارىخنى بىلىش كېرەك. «يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش» نامىلىق فىلىمدە پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى چۆرىدەلگەن بولۇپ، ئۇ ھەم زور تارىخىي نەزەرگە، ھەم جانلىق، تەسىرلىك تارىخىي تەپسىلاتلارغا ئىگە، پارتىيەمىزنىڭ يۈز يىللىق شانلىق نەتىجىلىرىنىڭ سۆرەت شەكلىدە كەڭ تارقىتىلىشى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىمدە 4Kلىق سۈپ-سۈزۈك ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون ۋە 8Kلىق قىسىمەن سۈرەتكە ئېلىش ۋاسىتىسى، شۇنداقلا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۈرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، باش ئىستانسىسىنىڭ «5G+4K/8K+AI» يېڭى ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.

«يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش» نامىلىق فىلىم 20-ئىيۇندىن باشلاپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا قويۇلىدۇ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى، مەركەز ۋىدېيوسى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، يۈنتىڭ تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا قويۇلىدۇ.

مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 8Kلىق چوڭ ئېكرانلاردىمۇ قويۇلىدۇ.

باش ئىستانسىسىنىڭ ھەر قايسى تىلدىكى پىروگرامما مەركەزلىرى يەنە 44 خىل تىلدىكى چەتئەل نۇسخىسىنى قويىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش» نامىلىق ھۆججەتلىك فىلىم باش ئىستانسىسىدا قويۇلىدۇ

«يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش» نامىلىق 24 قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىمنى قويۇش مۇراسىمى 17-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.