ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«14-بەش يىل»دا ئىلىمىز يېزىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-06 10:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى كەنتلەرنى پاكىز قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ ۋە تەتقىق قىلىپ، كەنتلەرنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشتىن گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىت ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن، 4-ئىيۇل گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا مەملىكەتلىك كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتى نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى.

2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى قاتارلىق 18 تارماق بىرلىكتە كەنتلەرنى پاكىز قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويغان، ھازىر ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى «يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان بەش يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈشكە تەشكىللەۋېتىپتۇ، كەنتلەرنى پاكىز قىلىش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش «14-بەش يىل» مەزگىلىدە يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有