ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەڭگارەڭ چىراق نۇرى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-08 16:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگا-رەڭ چىراق نۇرلىرى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيلىدى.

شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى بىلەن ئۇلۇغ پارتىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىندى.

گەنسۇنىڭ لەنجۇدا پۈتۈن شەھەردىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەردە چىراغلار چاقناپ، پۈتكۈل شەھەر تېخىمۇ جۇلالىنىپ، گەنسۇ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئوتتەك قەلبىنىڭ پارتىيەگە تەلپۈنۈشتەك قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى.

خەينەننىڭ خەيكۇدىكى بىنالار جۇڭگو قىزىلى بىلەن نۇرلاندى، «پارتىيە مېنىڭ قەلبىمدە، يېڭى خەينەن دولقۇنى» قاتارلىق لوزۇنكىلاردا خەيكۇ شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پارتىيەگە تەلپۈنۈش ھېسسىياتى ئىپادىلەندى. شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرى گۈزەل ئۆزگىچە چىراغ نۇرى بىلەن قارلىق ئېگىزلىكنى يورۇتۇپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر لاسانىڭ يېڭى تەرەققىياتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

شياڭگاڭ، ئاۋمېندا رەڭدار چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى نۇرغۇن ئاممىنى جەلپ قىلدى، شۇ جايدىكى ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەڭگارەڭ چىراق نۇرى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگا-رەڭ چىراق نۇرلىرى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، گۈزەل تۇرمۇشنى مەدھىيلىدى.