ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى مۇستەھكەملەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-20 10:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت گۈللەنمىسە، تەرەققىي قىلمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم «تۆت ئىشەنچ»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ بېكىتىپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

«1-ئىيۇل» ھارپىسىدا، «ئۇلۇغ مۇساپە» ناملىق جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق قويۇلدى، ئويۇندا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىدەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە چوڭ تىپتىكى كۆرۈنۈشلۈك داستان شەكلىدە جانلىق نامايان قىلىنىپ، مەيدان ئىچى-سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. جۇ خانىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىرلىكتە تېلېۋىزوردىن ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندى. جۇ خانىم مۇنداق دېدى: بۇ ئويۇن ھەقىقەتەن بەك قالتىس بولدى، بەك ھەيران قالدىم، بۇ بىزگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئالاھىدە ياخشى پارتىيە تارىخى تەربىيەسى بولدى. ئويۇننى كۆرۈپ ئىنتايىن پەخىرلەندىم، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نەتىجىلىرىدىن، شۇنداقلا بۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدىن پەخىرلەندىم.

نادىر سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلار خاتىرىلىنىپ، جۇڭگو ھېكايىسى ياخشى سۆزلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى نامايان قىلىندى. پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زور بىر تۈركۈم سەھنە سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، خەلقنىڭ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بەردى.
تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ يېزىلارغا، پۇقرالارغا يەتكۈزۈلدى.

سەنشى ئۆلكىسى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «10 مىڭ مەيدان ھەقسىز ئويۇننى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى ھەر قېتىم نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. تاماشىبىنلار: مەدەنىيەت كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق بولۇۋاتىدۇ، ئويۇنمۇ ناھايىتى قالتىس بولدى، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق، دېيىشتى.

سەنشى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چياۋ جىچياڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنى مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرىمىز. سەھنىنى يېزا، كەنت، مەنزىرە رايونلىرىغا يۆتكەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى پۇقرالارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى تۇتاشتۇرىمىز.

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى تورى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، ئاممىۋى مۇزېي، ئاممىۋى گۈزەل سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى داۋاملىق ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت سارىيى، كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپى داۋاملىق، ساغلام تەرەققىي قىلدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگونىڭ كىنو بازىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ كىنو بازارلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ جانلىنىپ، كىرىمى داۋاملىق ئاشتى. بۇ يىل ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكىنىڭ داۋاملىق، مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىيەت ئىستېمال ئېھتىياجى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيدى.

يېقىندا، «1921»، «ئىنقىلابچىلار»، «جۇڭگو دوختۇرلىرى» قاتارلىق ئاساسىي مېلودىيەلىك كىنولار قويۇلدى، جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رېن جۇڭلۇن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاساسىي مېلودىيەلىك كىنولارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، بازاردا ئىجابىي ئىنكاسقا ئېرىشتى. بۇ فىلىملەردە مەۋقە ئېتىقاد ۋە ياشلىق باھارىنى ئىپادىلەشكە قارىتىلدى، بۇ ياش تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك چاقىرىق كۈچىگە ئىگە. ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان بىر قاتار فىلىملەر بازىرىمىزدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتقا، شۇنداقلا بۇ يىلقى كىنو بازىرىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تايانچ نۇقتىغا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي بولۇشى، يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ يىل 3-ئايدا، شى جىنپىڭ فۇجيەننىڭ ۋۇيىشەندىكى جۇشىۈەن باغچىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: دەۋر روھى ئارقىلىق جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ۋۇيى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لەن لىڭجىڭ مۇنداق دېدى: بىز جۇزى مەدەنىيىتىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئوقۇتۇش جەريانىدا جۇزى مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە جەۋھىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىش جەريانىدا روھنى يېتىلدۈرۈپ، ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق قەلبنى ئوزۇقلاندۇرىمىز.

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا 2035-يىلىغىچە مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سىياسەت قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: بۇ كەلگۈسى نىشان بېكىتىلدى، «14-بەش يىل»دا ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولىدۇ. خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈنسايىن بېيىدۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى يەنىمۇ ئاشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپى ۋە ساياھەتچىلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مۇھىم تىرىكىگە ئايلىنىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى مۇستەھكەملەندى

سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت گۈللەنمىسە، تەرەققىي قىلمىسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ.