ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 10:27

2010-يىلى ئەتىيازدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلاندى، مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە بىرلىكتە ياردەم بەردى.
2019-يىلى 7-ئايدا 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭغا ئ‍‍ومۇميۈزلۈك، د‍ەل جايىدا، ئ‍‍ۇزاققىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كەسىپلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى س‍‍ۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى شىنجاڭنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنى سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيلىرى ۋە سانائەت رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جاينىڭ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلىرىگە مەدەت بەردى.

كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئۆلكىسى شەندۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، شۇ جايدا تەخمىنەن 4700 مو كۆلەمدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك زامانىۋى كۆكتات كەسپى باغچىسى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنى 200 مىڭ مودىن كۆپرەك يەرگە كۆكتات تېرىشقا يېتەكلەپ، تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش، يىغىش-تارقىتىش بىر گەۋدىلەشكەن كۆكتات كەسپى توپىنى بەرپا قىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپلەر يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىش تۈرىنى سىياسەت خاراكتېرلىك تۈر قىلىپ، تۈر مەبلىغى ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنى ياردەم بېرىلىدىغان جايغا بىردىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىنى كىرگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە گۈزەل شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش، مەخسۇس پويىز بىلەن «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ئاپىرىپ قويۇش»، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلارنىڭ ساياھەت يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىش، ساياھەت ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكىنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى تاللانغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئەۋەتىپ، «يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئىختىساسلىقلار نۇرىنى چاقناتتى.

ئېغىر د‍ەرىجىدە كۆزىگە ئاق چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار ب‍‍ولۇپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كەتكەن ھەبىبۇللا خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق د‍وختۇرخانىسىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ۋاقتىدا د‍اۋالىنىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي ساقايدى.

كۆزىگە ئاق چۈشۈش كېسىلى شۇ يەردە كۆپ كۆرۈلۈدىغان كېسەللىك، ئىلگىرى شۇ جايدىكى بىردىنبىر ئۈچ «A» دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولغان خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇپ، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇش ئىقتىدارىمۇ يوق ئىدى.

تيەنجىن شەھىرىدىكى د‍اۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ئ‍‍ۆمەكلىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق يارد‍ەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ي‍‍ارد‍ىمىدە، خ‍‍وتەن ۋىلايەتلىك خەلق د‍وخت‍‍ۇرخانىسىدا ئاخىرى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇلدى ھەمدە بۇ ئۆمەك يەرلىكتە ن‍‍ۇرغۇن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، شۇ جايدىكى ك‍‍ئۆزىگە ئاق چۈشكەن نۇرغۇن بىمارلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى.

شىنجاڭدا يېقىنقى يىللارد‍ىن ب‍‍ۇيان مائارىپ، د‍اۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئۆمەكلىشىپ شىنجاڭغا نىشانلىق يارد‍ەم بېرىشى د‍اۋاملىق چ‍‍وڭقۇرلىشىپ، يارد‍ەم بېرىلىدىغان جاينىڭ ي‍‍يۇقىرى س‍‍ۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن مەدەت بېرىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ خىل شەكىلدىكى جانلىق يەتكۈزۈش، يارد‍ەم بېرىش، يېتەكلەش ئارقىلىق، يارد‍ەم بېرىلىدىغان جاينىڭ ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ ھازىرقى زامان مودا مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشى قانداق بولدى؟ شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى بويىچە ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شەرق سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى روھنى ئۇرغۇتۇش پىروگراممىسىنى قەشقەردە ئىشلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، «خەزىنىگە جەڭ ئېلان قىلىش سەپىرى» ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئالدى، ئارقىدىنلا قىزىق كۆرۈنۈش يەرلىكتىكى كىشىلەرنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.

شاڭخەيدىن شىنجاڭغا ياردەمگە بارغان كادىر لو جېنگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ پىروگراممىنى سۈرەتكە ئالغاندا، 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نەق مەيداندا پىروگراممىنى كۆردى. پىروگرامما كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، يازدا شاڭخەيدىن قەشقەرگە قاراپ ئۇچقان 10 ھۆددە ساياھەت ئايروپىلانى ئىچىدە 6 ئايروپىلاندىكى ساياھەتچىلەر مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ شامال ئورمانچىلىق مەيدانىنى سۈرەتكە تارتىشنى تاللىدى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پىروگرامما كۆرسىتىلگەندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىلىدىغان مارالبېشى قوغۇنىنىڭ زاكاز مىقدارى ئالدىنقى بىر ھەپتىدىكى زاكاز مىقدارىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشقان.

بۇ تەرەققىياتلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بەزى ئۆلكە، شەھەرلەر كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، تەڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆسمۈرلەر-بالىلار قول تۇتۇشۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئالماشتۇرۇش نومۇرلىرىنى ئورۇنلىشىنى قوللاپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئالاقىلىشىش، ھېكايە ئېيتىش ۋە ناخشا ئېيتىش، پاراڭلىشىش جەريانىدا يەنىمۇ چۈشىنىش، ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بېيجىڭ شەھىرى بېيجىڭ-خوتەن ئانىلار تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى، «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، بېيجىڭغا سەپەر» يازلىق لاگېر پائالىيىتى، «بېيجىڭدا ئائىلەم بار» قاتارلىق مىللىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئارا زىيارەت قىلىپ ئۆگىنىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئالاقىسى قاتارلىق ياش-ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پۇتبول ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياردەم بېرىلىدىغان جايدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە گۇاڭجۇ تەنتەربىيە شۆيۈەنى پۇتبول شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى بازىسىنى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پۇتبول مەشىق لاگېرى تەشكىللەشكە جەلپ قىلىپ، «ئانار» لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى 20 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيەلىدى.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى نەچچە مىليون كىشى كۆك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. بولۇپمۇ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ساھەلەردە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ھەر مىللەت ئاممىسى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2010-يىلى ئەتىيازدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلاندى،