ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارارى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 16:55

«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

يېقىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاپ، نوپۇسنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» رەسمىي ئېلان قىلىندى.

«قارار»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نوپۇسنىڭ تەرەققىياتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نوپۇس مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، تۇغۇت سىياسىتىنى تەدرىجىي تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، نوپۇس ۋەزىيىتىنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى تەلىپىگە يەنىمۇ ماسلىشىپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ۋە يانداش قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش--نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە؛ ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشقا؛ ئومۇمىي تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى پەسەيتىپ، مۇۋاپىق تۇغۇت سەۋىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە؛ ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

«قارار»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، خەلقنى مەركەز، تەڭپۇڭلۇقنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، قانۇنچىللىقنى كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 2025-يىلىغىچە تۇغۇتنى قوللاش ئاكتىپ سىياسەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، تۇغۇت سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ جىنس نىسبىتىنى نورماللاشتۇرۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، نوپۇسنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. 2035-يىلىغىچە، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت، قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ھەرىكىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، تۇغۇت سەۋىيەسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك. سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش، بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئائىلىلەرنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىدە تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

«قارار»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، توي قىلىش يېشىغا توشقانلار توي قىلىش، تۇغۇش ھەم سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەشنى تەشەببۇس قىلىش؛ ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالاقىدار جازالاش بەلگىلىمىلىرىنى ئېنىقلاش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ «ياشانغانلار، بالىلار»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن ئۆمۈرنى قاپلىغان نوپۇس مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دۆلەتنىڭ ھاياتلىقنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن كىشىلەر توپى، پۈتۈن ئۆمۈرنى قاپلىغان نوپۇسنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇغۇت ۋەزىيىتى ۋە نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىش كېرەك.

«قارار»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى داۋالاپ، ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«قارار»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلەندۈرۈش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، قوللاش سىياسىتى ۋە ئۆلچەمنى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يەر، تۇرالغۇ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەش؛ مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قولايلىق، باھاسىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان، سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بىر تۈركۈم ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

«قارار»دا «تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش» چۆرىدىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىش دەم ئېلىشى قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار جايلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا بېقىش دەم ئېلىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى قوللاپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى بۆلۈپ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كېيىنكى قەدەمدە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىراجىتىنى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى مەخسۇس تۈرى قوشۇمچىسىدىن چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەتقىق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئىجارىگە بەرگەندە، شۇ جاينىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى بار ئائىلىلەرگە قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن ئۆي شەكلىنى تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق ئېتىبار بەرسە بولىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش يۈكى ئەھۋالىغا قاراپ پەرقلىق ئىجارە بېرىش ۋە ئۆي سېتىۋېلىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەتقىق قىلىپ تۈزسە بولىدۇ. شەھەر-بازار مەھەللىلىرىدىكى يۈرۈشلۈك يەسلىلەرنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلەرنى قاپلاش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، يەسلىدە تۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش ياكى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتى ۋە شەھەر-يېزىلارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى»دىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش؛ مەكتەپنىڭ مائارىپ بايلىقىغا تايىنىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنى پىرىنسىپ قىلىپ، دەرستىن كېيىنكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تۈرى ۋە ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقتى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئائىلە ۋە مەكتەپنىڭ تەربىيەلەش يۈكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قوبۇل قىلىش، تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«قارار»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسەتنى تەڭشەشنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى تەڭشىلىشتىن ئىلگىرىكى يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر ۋە يېزىلاردىكى پىلانلىق تۇغۇت بويىچە ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان ئائىلىلەرگە قارىتا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈرلۈك مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش تۈزۈمى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دەم ئېلىش تۈزۈمىنى تەسىس قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ پىلانلىق تۇغقان ئالاھىدە ئائىلىلەرگە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتنىشىدىغان يۆلەش، غەمخورلۇق قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

«قارار»دا «تەشكىللەپ يولغا قويۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت سىياسىتى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى قول باشلىق ئۆزى تۇتۇش، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ تۇغۇتنى قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.#

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارارى

يېقىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاپ، نوپۇسنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» رەسمىي ئېلان قىلىندى.