ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىنى كۆزدىن كەچۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 17:16

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

بۇ يىل فوند كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى. لى كېچياڭ فوند كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تۈر ئىلتىماس قىلىش يۈكىنى يېنىكلىتىش، نۇقتىلىق ساھەلەرنى قوللاشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: فوند كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى پەن-تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ پىلانلىق تەقسىملەشتىن رىقابەت ئارقىلىق ئەلالىرىنى تاللاشقا قاراپ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پىلانلانغان ئەمەس، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈر باھالاش مېخانىزمى ۋە باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى جاسارەت، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇل تەتقىقاتقا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، گىرەلەشمە پەنلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فوند كومىتېتىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىممەتلىك مەبلەغ ئارقىلىق پەن تەتقىقاتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاش كېرەك.

يىغىندا فوند كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى دوكلات بەردى، خۇاڭ رۇ، خۇڭ يۇڭمياۋ، فېڭ شۆ قاتارلىق توققۇز مۇتەخەسسىس سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇردى، بارلىق پەن-تېخنىكا خادىملىرى جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ قوزغاپ، پەن-تېخنىكىدا تېخىمۇ كۆپ، مول نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.








中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىنى كۆزدىن كەچۈردى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەتلىك