ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«مەملىكەتلىك "بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش" ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 17:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەملىكەتلىك "بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش" ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

«ئىش تەقسىماتى لايىھەسى»دە بەش جەھەتتىكى 25 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇشتا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ ۋە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى، بازارلاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ. ئۈچىنچى، قانۇنچىللاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. تۆتىنچى، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. بەشىنچى، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

«مەملىكەتلىك "بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش" ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇرغۇتۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەملىكەتلىك "بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش" ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى