ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا مىنىستىرلىقى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-07 17:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

9-ئاينىڭ 6-كۈنى سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن چاۋ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، بەش دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرى خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتىساد-سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قوللاش قاتارلىق قارالمىلارنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى بىرلەشمە ئاخباراتى»نى ھاسىل قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا ئىقتىساد-سودا نەتىجىلىرىنى تەييارلىدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ جەھەتتە مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى: بىرىنچى، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بېرىلدى. ئىككىنچى، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى. ئۈچىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ %42ىنى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن دۇنيانىڭ %24ىنى، مال سودىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ %18ىنى، مۇلازىمەت سودىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ %13ىنى، جەلپ قىلىنغان تاشقى مەبلەغ پۈتۈن دۇنيانىڭ %25ىنى ئىگىلەيدۇ.

چېن چاۋ مۇنداق دېدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ بازىرى، بايلىقى، ئەمەلىي كۈچى، يوشۇرۇن كۈچى بار، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ، نى نى ئىشلارنى قىلالايدۇ، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، دۇنيا سودا سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. 


中央广播电视总台 央广网 版权所有

سودا مىنىستىرلىقى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

9-ئاينىڭ 6-كۈنى سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن چاۋ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى