ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى گىلاسگوۋ يىغىنىنىڭ كاندىدات رەئىسى شارما بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-08 09:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى گىلاسگوۋ يىغىنىنىڭ كاندىدات رەئىسى شارما بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇنيانىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا موھتاج. «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 26-قېتىملىق كېلىشىم تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىدا كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغداش، كۆپ تەرەپلىك قائىدىگە ھۆرمەت قىلىش، كىلىمات ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە كۈچلۈك سىياسىي سىگنال چىقىرىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كىلىمات نىشانىنى كونكرېت سىياسەت ۋە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى پائال تەشەببۇس قىلىنىپ، «پارىژ كېلىشىمى»نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى سۆھبىتى تاماملىنىپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشنىڭ ئاشكارا، ئېنىق بولۇش، كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش، تۈزگۈچى تەرەپلەر تۈرتكە بولۇش، بىردەك كېڭىشىشتەك توغرا يولدا داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەن جېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ زور سالماقتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانى ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۆزلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە، ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شارما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن كىلىمات مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش، ئېنېرگىيە، كاربون سودىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەھدىنامە تۈزگۈچى ئىككى تەرەپ يىغىنىدا تىرىشىپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى گىلاسگوۋ يىغىنىنىڭ كاندىدات رەئىسى شارما بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ