ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-09 15:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جايلار خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ھەقىقىي ئايلاندۇردى.

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلدى. فۇجۇ شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شەھەر بويىچە 35 ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىش نۇقتىسىنى بېكىتىپ، نادىر پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى تاۋلىدى.

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ تارماق بىرلىشىپ بېجىرىدىغان 12 بازار سۇبيېكتىنىڭ «بىر ئىشىنى» باش تېما قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە شەخسلەرگە چېتىلىدىغان 98 تۈرلۈك ئىشنى بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى%73 قىسقارتىپ، نەق مەيداندا بىر قېتىمدىلا بېجىرىش نىسبىتىنى %95 تىن ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئاز قاتراش، كۆپ ئىش بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخۇ شەھىرىدىكى ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتلىك تارماقلىرى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ كاپالەت تولۇقلىمىسى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى بىر كۆزنەكتە تارقاتتى؛ يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى، داۋالىنىشى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئون نەچچە تۈرلۈك مۇلازىمەتنى بىر كۆزنەكتە بېجىردى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىشى شەھىرى دىققەتنى ئاممىنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش، تەربىيەلىنىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت، ئىش ئورنى، ماھارەت، مەبلەغ، ئۇچۇردىن بەھرىمەن قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئىشلەمچىلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۆي ئىجارىسى، باج ۋە پۇل مۇئامىلە ئىناۋەتلىك قەرزىدىن ئىبارەت كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى

جايلار خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ