ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-09 16:09

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا قىسمەن شەھەرلەردە تىجارەت-سودا مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىناق قىلىش، يەرلىكنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، كارخانىلارغا تېخىمۇ پايدا يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىشىنى قوللاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «ئاكسىيە قەرەللىك مال مەمۇرىي قانۇنى ئىجراسىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى (لايىھە)»سى ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى»نى ياخشى يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، خاڭجۇ، گۇاڭجۇ، شېنجېندىن ئىبارەت ئالتە شەھەرنى تاللاپ، دىققەتنى بازار سۇبيېكتى ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە توغرىلىنىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىناق قىلىش كېرەك. بىرىنچى، رايونلارنى ئايرىش ۋە يەرلىك ھامىچىلىقنى يەنىمۇ تۈگىتىپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كارخانىلارنىڭ رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىشىغا قويۇلغان نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش؛ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى باشقا جايلاردىكى كارخانىلارغا بولغان يوشۇرۇن توسۇقلارنى تۈگىتىش؛ يەتتە تۈرلۈك يولۇچى، يۈك تىرانسپورت ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىنى رايون ھالقىپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، بازار سۇبيېكتىنىڭ كىرىشى ۋە چېكىنىپ چىقىشىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش؛ بانكىدا ھېساب ئېچىش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ، ھېساب ئېچىش ۋاقتىنى قىسقارتىش؛ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، باج قاتارلىقلارنى يىللىق مەلۇم قىلىشتا «كۆپ خىل مەلۇماتنى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان بازارغا كىرىشكە، تىجارەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىش ئۆلچىمى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك؛ ۋەيران بولۇشنى باشقۇرغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلار ئىگىلىگەن ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك، پېچەتلەنگەن مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلغاندا پېچەتنى بىكار قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىش ھاجەتسىز. ئۈچىنچى، مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇلۇشنىڭ قولايلىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەر بىلەن تەمىنلەشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرى گېئولوگىيەلىك ئاپەت، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىقلارنى باھالاپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ كارخانا يەرنى ئالغاندىن كېيىن ئىش باشلىسا بولىدۇ. سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش ئىجازىتىگە قارىتا، ئۇقتۇرۇش قىلىش، ۋەدىلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. تۆتىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىر قىسىم مۇھىم سودا ھەمراھلىرى بىلەن پورتلار ئارا ئالاقىدار تالون، گۇۋاھنامىلەرنى تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېمەكلىك، دورا، ۋاكسىنا، بىخەتەرلىك قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى توسۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ تىجارەتنى مونوپول قىلىۋېلىش، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى تۈزىتىپ، ئادىل رىقابەتنى قوغداش كېرەك.

ئالتىنچى، كارخانىلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى ياخشىلاش كېرەك. ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تارماقلار ۋە يەرلىكلەر ئارا سىستېمىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ كۆپ جايدا تەكرار ماتېرىيال تاپشۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى توردا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «ئاكسىيە قەرەللىك مال سودىسى مەمۇرىي قانۇنى ئىجراسىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى (لايىھە)» سى ماقۇللىنىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى،