ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 17:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا دەۋرىيلىكتىن ھالقىپ تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇۋاپىق كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش تەلەپ قىلىندى؛ «14-بەش يىللىق» يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، تىپ ئۆزگەرتىش، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى؛ ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىش، مۇستەھكەملەشنى تېزلىتىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادىدا ئەسلىگە كېلىش ھالىتى ساقلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى. لېكىن يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارا مۇھىتتىكى ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيدى، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىمۇ يۇقۇم تارقىلىش، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد يۈزلىنىشىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىن تەڭشەش، ئىنچىكە تەڭشەش ۋە دەۋرىيلىكتىن ھالقىپ تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ مۇۋاپىق كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىغا، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلىشى؛

بازارلاشتۇرۇش چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىش ئارقىلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قىش پەسلىدە توك، تەبىئىي گاز قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىستېمالنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي سېلىنمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «14-بەش يىل»دا ئۇچۇر تورى ئاساس قىلىنغان، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكە بولغان يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، دۆلەتنىڭ تايانچ تورى بىلەن شەھەر تورىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ماس قەدەمدە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىر ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىنى سودىلاشتۇرۇپ، كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان ئەشيا بىرلەشمە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، كۆپ قاتلاملىق سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى رەقەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يىراق مۇساپىلىك داۋالاش، تور مائارىپى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يۇغۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئۇل تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللاپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقراۋى ۋە چېگرا سىرتىدىكى كاپىتالنىڭ يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش، تىجارەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. بەشىنچى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ۋە ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىدىكى خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، جايلار، بولۇپمۇ شىمالدىكى رايونلار قۇرۇلۇشنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بۇ يىللىق خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش تۈرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىش، ئېكولوگىيە قاتارلىق تەلەپلىرىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، سۇ ئامبىرىنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناچار ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىلمىي باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ يامغۇر سۈيىنى ئۆلچەش، مەلۇم قىلىش ۋە بىخەتەرلىكنى كۆزىتىش ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىلدى