ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

【كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش قىلىپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھى شەجەرىسى】

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 17:45

【كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش قىلىپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھى شەجەرىسى】 كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماي، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇنىڭدىن 71 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى تىنچلىقنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەردانە، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، چاۋشيەن خەلقى ۋە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى يەنىلا يۇلتۇزدەك چاقناپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى گۈللىنىش يولىدا مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

شاڭگەنلىڭدىكى ئۇرۇش ئىس-تۈتەكلىرى ئىچىدىن كەلگەن قەھرىمان قىسىم، ھەر قېتىم مۇھىم مەشىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر جەڭ بايرىقىغا يۈزلىنىپ قەسەم بېرىپ ئاندىن يولغا چىقىدۇ. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئەجدادلارنىڭ باتۇر، قەيسەر، پىداكارلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولدى.

جاھانگىر تاجاۋۇزچىلارنىڭ جاھانغا پاتماي قالغان زومىگەرلىك قىلمىشى ئالدىدا، 1950- يىلى 10- ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى كەسكىنلىك بىلەن چاۋشيەن جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ، چاۋشيەن ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، تۇنجى قېتىملىق لياڭشۈيدوڭ جېڭى، يۈنشەن شەھىرىدىكى كەسكىن جەڭ، چىڭچۈەنجياڭ دەرياسى جېڭى، چاڭجىنخۇ كۆلى جېڭى قاتارلىقلاردىن بولۇپ، ئۇدا بەش قېتىم جەڭ قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، «ئۇجۇقتۇرۇش ئۇرۇشى»نى تارمار قىلىپ، «باكتېرىيە ئۇرۇشى»غا تاقابىل تۇرۇپ، شاڭگەنلىڭدا قانلىق جەڭ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلدى.

ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش كەسكىن جېڭىدا، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىدىغان، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى، باتۇر، قەيسەر، پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق روھىنى، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھنى باشتىن-ئاخىر ساقلايدىغان ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھىنى، ۋەتەن ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى مەردلىك بىلەن تەقدىم قىلىدىغان ئىنقىلابىي سادىقلىق روھىنى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتېرناتسىيونالىزم روھىنى باشتىن ئاخىرى جارى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى بارلىققا كەلتۈردى.






中央广播电视总台 央广网 版权所有

【كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش قىلىپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھى شەجەرىسى】

【كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش قىلىپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھى شەجەرىسى】