ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە) بولغان پىروگراممىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-23 17:40

. جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە) بولغان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىروگرامما»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «قانۇنچىللىق كاپالىتى، قاتتىق قوغداش»، «ئىسلاھات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، سۈپەت ئارقىلىق يېتەكلەش»، «دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش»، «ئىلمىي تۈزەش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»نى خىزمەت پىرىنسىپى قىلىپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، جەمئىيەتنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ ھەمدە بۇ سەۋىيەنى ساقلاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بازىرىنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، پاتېنت كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %13كە، نەشر ھوقۇقى كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %7.5 كە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققىنىڭ يىللىق ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى 350 مىليارد يۈەنگە، ھەر 10 مىڭ نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان يۇقىرى قىممەتلىك كەشپىيات پاتېنتىنى 12 گە يەتكۈزۈش كېرەك.

2035-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى سىستېمىسى مۇكەممەللىشىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق قاتنىشىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىدۇ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنياۋى سەۋىيەلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

«پىروگرامما»دا «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈزلەنگەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش»، «خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىغا تىرەك بولىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سىستېمىسى بەرپا قىلىش»، «يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتقا ئىلھام بېرىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بازىرى ھەرىكەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش»، «خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئادىمىيەت ئىجتىمائىي مۇھىتى بەرپا قىلىش»، «دۇنياۋى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىش» قاتارلىق كونكرېت ۋەزىپە، تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«پىروگرامما»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مالىيە سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى باھالاشتا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش، باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.






中央广播电视总台 央广网 版权所有

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە) بولغان پىروگراممىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ (2021-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە) بولغان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى