ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بامباڭ بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-28 09:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدا ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بامباڭ بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جوكو بىلەن تۆت قېتىم تېلېفونلىشىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن ھەر قايسى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

بامباڭ مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ ياڭ ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بامباڭ بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدا ھىندونېزىيە خەلق مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بامباڭ بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى.